77 : 1
وَٱلْمُرْسَلَـٰتِ عُرْفًا
ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى(1)،
77 : 2
فَٱلْعَـٰصِفَـٰتِ عَصْفًا
قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى(2)،
77 : 3
وَٱلنَّـٰشِرَٰتِ نَشْرًا
(بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى(3)،
77 : 4
فَٱلْفَـٰرِقَـٰتِ فَرْقًا
(ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،
77 : 5
فَٱلْمُلْقِيَـٰتِ ذِكْرًا
(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(5ـ6)،
77 : 6
عُذْرًا أَوْ نُذْرًا
(بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(5ـ6)،
77 : 7
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَٰقِعٌ
سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر(7).
77 : 8
فَإِذَا ٱلنُّجُومُ طُمِسَتْ
يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا(8).
77 : 9
وَإِذَا ٱلسَّمَآءُ فُرِجَتْ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا(9)،
77 : 10
وَإِذَا ٱلْجِبَالُ نُسِفَتْ
تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا(10)،
77 : 11
وَإِذَا ٱلرُّسُلُ أُقِّتَتْ
پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ)(11).
77 : 12
لِأَىِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
(پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟(12)
77 : 13
لِيَوْمِ ٱلْفَصْلِ
خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى)(13).
77 : 14
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ
ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟(14)
77 : 15
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(15)
77 : 16
أَلَمْ نُهْلِكِ ٱلْأَوَّلِينَ
(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟(16)
77 : 17
ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ ٱلْـَٔاخِرِينَ
ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق(17).
77 : 18
كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِٱلْمُجْرِمِينَ
گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز)(18).
77 : 19
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(19)
77 : 20
أَلَمْ نَخْلُقكُّم مِّن مَّآءٍ مَّهِينٍ
سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟(20)
77 : 21
فَجَعَلْنَـٰهُ فِى قَرَارٍ مَّكِينٍ
ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق(21ـ22).
77 : 22
إِلَىٰ قَدَرٍ مَّعْلُومٍ
ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق(21ـ22).
77 : 23
فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ ٱلْقَـٰدِرُونَ
بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز!(23)
77 : 24
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(24)
77 : 25
أَلَمْ نَجْعَلِ ٱلْأَرْضَ كِفَاتًا
زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟(25)
77 : 26
أَحْيَآءً وَأَمْوَٰتًا
(يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟)(26)
77 : 27
وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَٰسِىَ شَـٰمِخَـٰتٍ وَأَسْقَيْنَـٰكُم مَّآءً فُرَاتًا
بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق(27).
77 : 28
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(28)
77 : 29
ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ مَا كُنتُم بِهِۦ تُكَذِّبُونَ
(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، (29)
77 : 30
ٱنطَلِقُوٓا۟ إِلَىٰ ظِلٍّ ذِى ثَلَـٰثِ شُعَبٍ
(ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەلىرى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ)(30).
77 : 31
لَّا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِى مِنَ ٱللَّهَبِ
ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ(31).
77 : 32
إِنَّهَا تَرْمِى بِشَرَرٍ كَٱلْقَصْرِ
ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ(32).
77 : 33
كَأَنَّهُۥ جِمَـٰلَتٌ صُفْرٌ
ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ(33).
77 : 34
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(34)
77 : 35
هَـٰذَا يَوْمُ لَا يَنطِقُونَ
بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ(35).
77 : 36
وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ
ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ(36).
77 : 37
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(37)
77 : 38
هَـٰذَا يَوْمُ ٱلْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَـٰكُمْ وَٱلْأَوَّلِينَ
بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز(38).
77 : 39
فَإِن كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ
ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار(39).
77 : 40
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(40)
77 : 41
إِنَّ ٱلْمُتَّقِينَ فِى ظِلَـٰلٍ وَعُيُونٍ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ(41ـ42).
77 : 42
وَفَوَٰكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ(41ـ42).
77 : 43
كُلُوا۟ وَٱشْرَبُوا۟ هَنِيٓـًٔۢا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
(ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ)(43).
77 : 44
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِى ٱلْمُحْسِنِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز(44).
77 : 45
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(45)
77 : 46
كُلُوا۟ وَتَمَتَّعُوا۟ قَلِيلًا إِنَّكُم مُّجْرِمُونَ
(كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ)(46).
77 : 47
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(47)
77 : 48
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱرْكَعُوا۟ لَا يَرْكَعُونَ
ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ(48).
77 : 49
وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُكَذِّبِينَ
بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!(49)
77 : 50
فَبِأَىِّ حَدِيثٍۭ بَعْدَهُۥ يُؤْمِنُونَ
ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟(50)