90 : 1
لَآ أُقْسِمُ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ
بۇ شەھەر (يەنى مەككە) بىلەن قەسەم قىلىمەن(1).
★
90 : 2
وَأَنتَ حِلٌّۢ بِهَـٰذَا ٱلْبَلَدِ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ شەھەردە (ئۇرۇش قىلىش) ساڭا ھالالدۇر(2).
★
90 : 3
وَوَالِدٍ وَمَا وَلَدَ
ئادەم (ئەلەيھىسسالام) ۋە (ئۇنىڭ ياخشى) پەرزەنتلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن(3).
★
90 : 4
لَقَدْ خَلَقْنَا ٱلْإِنسَـٰنَ فِى كَبَدٍ
بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا ـ مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق(4).
★
90 : 5
أَيَحْسَبُ أَن لَّن يَقْدِرَ عَلَيْهِ أَحَدٌ
ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟(5)
★
90 : 6
يَقُولُ أَهْلَكْتُ مَالًا لُّبَدًا
ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ(6).
★
90 : 7
أَيَحْسَبُ أَن لَّمْ يَرَهُۥٓ أَحَدٌ
ئۇ ئۆزىنىڭ (مال) سەرپ قىلغانلىقىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟(7)
★
90 : 8
أَلَمْ نَجْعَل لَّهُۥ عَيْنَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟(8ـ10)
★
90 : 9
وَلِسَانًا وَشَفَتَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟(8ـ10)
★
90 : 10
وَهَدَيْنَـٰهُ ٱلنَّجْدَيْنِ
ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟(8ـ10)
★
90 : 11
فَلَا ٱقْتَحَمَ ٱلْعَقَبَةَ
ئۇ داۋان ئاشمىدى(11).
★
90 : 12
وَمَآ أَدْرَىٰكَ مَا ٱلْعَقَبَةُ
داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەتتىڭ؟(12)
★
90 : 13
فَكُّ رَقَبَةٍ
(داۋان ئېشىش دېگەن) قۇل ئازاد قىلماقتۇر(13)،
★
90 : 14
أَوْ إِطْعَـٰمٌ فِى يَوْمٍ ذِى مَسْغَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر(14ـ16).
★
90 : 15
يَتِيمًا ذَا مَقْرَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر(14ـ16).
★
90 : 16
أَوْ مِسْكِينًا ذَا مَتْرَبَةٍ
ياكى ئاچارچىلىق كۈندە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىن (يەنى ھالى ناچار كەمبەغەل) گە تاماق بەرمەكتۇر(14ـ16).
★
90 : 17
ثُمَّ كَانَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلصَّبْرِ وَتَوَاصَوْا۟ بِٱلْمَرْحَمَةِ
شۇنىڭ بىلەن بىللە (يەنى يۇقىرىقىلارنى قىلىش بىلەن بىللە) ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولماقتۇر(17).
★
90 : 18
أُو۟لَـٰٓئِكَ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَيْمَنَةِ
ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلغان كىشىلەر) سائادەتمەن كىشىلەردۇر(18).
★
90 : 19
وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ بِـَٔايَـٰتِنَا هُمْ أَصْحَـٰبُ ٱلْمَشْـَٔمَةِ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر(19).
★
90 : 20
عَلَيْهِمْ نَارٌ مُّؤْصَدَةٌۢ
ئۇلار دوزاخقا سولىنىدۇ(20).
★