94 : 1
أَلَمْ نَشْرَحْ لَكَ صَدْرَكَ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ كۆكسىڭنى (ھىدايەت، ھېكمەت ۋە قۇرئاننىڭ نۇرى بىلەن) كەڭ قىلمىدۇقمۇ؟(1)
★
94 : 2
وَوَضَعْنَا عَنكَ وِزْرَكَ
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق(2ـ3).
★
94 : 3
ٱلَّذِىٓ أَنقَضَ ظَهْرَكَ
سېنىڭ بېلىڭنى ئېگىۋەتكەن ئېغىر يۈكنى ئۈستۈڭدىن ئېلىپ تاشلىدۇق(2ـ3).
★
94 : 4
وَرَفَعْنَا لَكَ ذِكْرَكَ
سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئۈستۈن قىلدۇق(4).
★
94 : 5
فَإِنَّ مَعَ ٱلْعُسْرِ يُسْرًا
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار(5).
★
94 : 6
إِنَّ مَعَ ٱلْعُسْرِ يُسْرًا
ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار(6).
★
94 : 7
فَإِذَا فَرَغْتَ فَٱنصَبْ
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن(7).
★
94 : 8
وَإِلَىٰ رَبِّكَ فَٱرْغَب
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن(8).
★